يېقىندا خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىككى يېڭى كۆمۈر كان زاپىسىنى ئېچىش پىلانىنى تەستىقلىغان.
خىتاينىڭ «ئېنېرگىيە تورى»نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي مەملىكەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ قوبۇقسار ناھىيىسى تەۋەسىدىكى قوشتولغاي كۆمۈر كانلىقىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى ۋە شەرقىي جۇڭغار سانغۇن بۇتخانىسى رايونى كۆمۈر كانلىقىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى تەستىقلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، قوبۇقساردىكى قوشتولغاي) قوشتورغاي(كان رايونىدىكى ئومۇمى كۆمۈر بايلىق زاپىسىنىڭ مىقدارى 12 مىليارد بەش يۈز مىليون توننا بولۇپ، كانلىق رايونىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 896 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي جۇڭغار سانغۇن بۇتخانىسى كۆمۈر كانلىقى رايونىدىكى كۆمۈرنىڭ زاپاس مىقدارى 68 مىليارد 700 مىليون توننا بولۇپ، يەر كۆلىمى 1766 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن.
خىتاي يىللاردىن بۇيان قۇمۇل ۋە باشقا جايلاردىكى كۆمۈر كانلىقلارنى تېز سۈرەتتە ئېچىشقا كىرىشكەن بولۇپ، غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە يۆتكەش پىلانىنى تۈزۈپ، ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىن قازغان كۆمۈرلەرنى خىتاينىڭ دېڭىز بويلىرى رايونىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.