ئۇيغۇر ئېلىدا كۆمۈر كان پارتلاپ 17 ئىشچى ئۆلگەن
مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.07.07
2014.07.07
مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئىيۇل كۈنى كەچقۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر كۆمۈر كاندا گاز پارتلاپ 17 ئىشچى قازا قىلغان.
ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 6-دىۋىزىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى داخۋاڭشەن كۆمۈرلۈكىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق قۇدۇقىدا يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەدە ئاران 3 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان. قۇدۇق ئىچىگە قامىلىپ قالغان باشقا 17 نەپەر ئىشچىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.
داخۋاڭشەن كۆمۈرلۈكى دەپ نام قويۇلغان مەزكۇر كۆمۈر كان فۇكاڭ شەھىرى تەۋەسىدە بولۇپ، ئۈرۈمچى تاشيولىنىڭ 126 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شەرقىي نۇقتىسىغا جايلاشقان. مەزكۇر كۆمۈر كان 1958-يىلى ئېچىلغان. 2007-يىلى 6-دېۋىزىيە تەرىپىدىن خېنەندىكى بىر كۆمۈر كان گۇرۇھىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئېچىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.