خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەر-بازارلاردىكى 1526 «كونا مەھەللە» نى بۇزۇپ ئۆزگەرتىشكە باشلىغان

خىتاي دائىرىلىرى «ئاممىغا قولايلىەق يارىتىش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونا مەھەللىلەرنى چېقىپ، بىنالاشتۇرۇشنى داۋاملىق كېڭەيتمەكتە. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارلىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى 1526 «كونا مەھەللە» نى چېقىپ ئ‍ۆزگەرتىشكە باشلىغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر پىلانى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ياشاش مۇھىتىنى ئ‍ۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئەنئەنىۋىي ئ‍ىجتىمائىي ئالاقە تورى، نۇپۇس زىچلىقىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «مەدىنىيەت قىرغىنچىلىقى» سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللىق «كونا مەھەللىلەر» نى چېقىش پىلانى 210 مىڭ 430 ئائىلىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ 92.6 پىرسەنتىدە قۇرۇلۇش باشلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارغا قارىتا چوڭ تۇتقۇن باشلاپ ئاز دېگەندە بىر مىليون 800 مىڭ كىشىنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق ئەنئەنىۋىي تارىخىي يېزا-كەنتلەر، مەھەللىلەرنى «تەرەققىيات» ۋە «ئاممىغا قولايلىق يارتىتىش» نامىدا چېقىپ تاشلاپ، ئاھالىلارنى بىنالىق ئۆيلەرگە كۆچۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ پىلانى بۇ يىل ئ‍ىچىدە 1714 «كونا مەھەللە» نى ئۆزگەرتىش بولۇپ، بۇ 230 مىڭ 150 ئائىلىگە چېتىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ يىل ئۆگەرتىلىدىغان «كونا مەھەللىلەر» ئۆتكەن يىلقىدىن 57.2 پىرسەنت، ئۇنىڭغا چېتىشلىق ئائىلىلەر 19.7 پىرسەنت ئارتقان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى «كونا مەھەللىلەر» نى ئ‍ۆزگەرتىش نامىدا نۇرغۇن مەسچىتلەرنى چېقىۋەتكەن. يېقىندا رادىيومىز غۇلجانىڭ خىتاي بازىرىدكى 2 مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى، بىر مەسچىدنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.