كانادا مىكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتنى تاقاشنى قارار قىلدى

كانادانىڭ مىكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتى مەزكۇر مەكتەپ قارمىقىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى تاقاشنى قارار قىلغان.

ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى پەرقلىق پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە كانادا قىممەت ئۆلچىمى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. مىكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل 7‏-ئايدىن باشلاپ كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ پائالىيىتى توختىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2004‏-يىلدىن باشلاپ نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، چەتئەلدە كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى كۆپلەپ قۇرغان. كانادانىڭ ئۆزىدە 11 كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشكە كىرىشكەن ئىدى.

مىكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرغان چەتئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئۆزى ئىشەنگەن، كومپارتىيىگە سادىق، دەپ قارالغان كىشىلەرنى تاللاپ ئىشلەتكەن.

مىكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ بۇ خىل ئۆلچىمى ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق مەسىلە ھەل بولمىغان.

مىكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئاندرېي فالكۇھار كانادا ئاخباراتىغا بەرگەن باياناتىدا ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى بىزنىڭكىدىن پەرقلىق. بىز ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىمىز، دېگەن.