خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كۇڭزى سارىيى» تەشۋىقاتى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە تېزدىن كېڭەيمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە قۇرۇلغان «كوڭزى سارىيى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كوڭ زى ئىدىيەسىدىن قانچىلىك زوقلانغانلىقى، شۇنداقلا كوڭزىچىلىق ئاساسىدىكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە قانچىلىك مەپتۇن بولغانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بىر رايوندا ئۇلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق كوڭزىچىلىق ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىدىغان كۆرگەزمە سارىيى ئېچىش ھادىسىسى يېقىنقى مەزگىللەردە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتاۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە خاس ئامىللارنىڭ يوقىتىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئورنىنى «جۇڭخۇا كىملىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدىكى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئىگىلىشىنى قايتىدىن ئەسلەتمەكتىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچتۇرپاندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى كۈرىشىنىڭ سىمۋولى بولغان «يەتتە قىزلىرىم» ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابقا كىرگۈزۈشمۇ «مىللىي ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىش» دەپ خۇلاسىلەنگەن ھەمدە كىتابنىڭ تۈزگۈچىلىرى مۇشۇ سەۋەبتىن ئېغىر قاماققا ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئاشكارا ھالدا كوڭزىچىلىق ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشنى «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» دەپ تەشۋىق قىلىشنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتىنى قانداق داۋام قىلدۇرىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق بىر ئىسپاتى، دەپ قارالماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۆز خىراجىتى ئارقىلىق «دۆلەت تىلى مەكتىپى» ئاچقان قۇربان نىياز ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان بولۇپ، ئۇ مۇشۇ ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەنىكەن.