يېقىندا تورغا كورلا شەھىرىنىڭ «باغراش بازىرى» دا «ئۇيغۇرلار يەنە ئىككى خەنزۇنى چاناپ ئۆلتۈردى» دەپ ئۇچۇر يوللىغان 4 كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ جازالانغان.
خەۋەردە تۇتقۇنلارنىڭ مىللىتى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق تۇتقۇنلارنىڭ فەمىلىسىدىن ئۇلارنىڭ خىتاي بولۇش ئىھتىاللىقى زور.
كورلا شەھەرلىك ساقچى دائىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارلىشىچە، كورلا شەھەرلىك تور ئامانلىق ئەترىتى توردا ئىز قوغلاپ، مەزكۇر ئۇچۇرنى چاپلىغان ۋاڭ پەمىلىلىك خىتاينى ۋە بۇ خەۋەرنى باشقا بىر تورغا كۆچۈرۈپ چاپلىغان يەنە 3 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. تۇتقۇنلارغا «يالغان خەۋەر تارقاتقانلىق» سەۋەبىدىن 5 كۈنلىك مەمۇرى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن.
«ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 - ماي كۈنى ھاراق ئېچىۋالغان 4 كىشى «باغراش بازىرى» دا جىدەل چىقىرىپ، جىدەلدە2 كىشى يارىلانغان. يارىدارلار دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغان. بىراق، ۋاڭ پەمىلىلىك كىشى ئىككى ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، مىكرو بلوگدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە ئىككى خىتاينى چاناپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. كورلا شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق 3 كىشى بۇ ئۇچۇرنى باشقا تورلارغا چاپلىغان.
بۇ يىل 7 - مارت كورلا شەھرىدە ھەزرىتى ئەلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش ئاز دىگەندە 4 خىتاينى چاناپ ئۆلتۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەزرىتى ئەلىنىڭ قىمارۋاز، ئائىلە مەسىلىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ۋەقەدىن خەۋەردار يەرلىك ئاھالە ئۇنىڭ كەيپ ساپادا يوق دىندار ياش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى خىتاي كۆچمەنلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ ۋەقە كورلىدىكى خىتايلاردا زور ئەنسىزلىك پەيدا قىلغان.