كوسوۋو سېربىيە بىلەن تارىخىي كېلىشىم ھاسىل قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.04.20

كوسوۋو جۈمە كۈنى سېربىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە تارىخىي كېلىشىم ھاسىل قىلدى. بۇ كېلىشىم تېخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا بىر بىرىگە دۈشمەن بولغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى يۇمشىتىپ، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇش يولىغا قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

كېلىشىمنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا ياۋروپا بىرلىكى ئۆتكەن 6 ئايدىن بۇيان كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

مەزكۇر 15 ماددىلىق كېلىشىم بويىچە، كوسوۋو دائىرىلىرى كوسوۋونىڭ شىمالىغا جايلاشقان سېربلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشكە، سېربىيە كوسوۋونىڭ ياۋروپا ئەللىرى ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىيە ۋە سودا ئالاقىسى ئورنىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىققا قوشۇلغان.

كوسوۋو باش مىنىستىرى ھاشىم تاجى بۇ ھەقتە توختىلىپ: بۇ كېلىشىم بىزنىڭ كونا يارىلارنى ساقايتىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ. كېلىشىم يېڭى بىر دەۋرنىڭ، يەنى يارىشىش ۋە دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىق دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېدى.

ياۋروپا تاشقى سىياسەتلەر باشلىقى كاتېرىن ئاشتون: بىز ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتىن بىر قەدەم يىراقلىشىپ، ياۋروپاغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز، دېدى.

كوسوۋو 2008- يىلى سېربىيىدىن بۆلۈنۈپ مۇستەقىل بولغان ئىدى.

گەرچە سېربىيە كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقى 100 گە يېقىن دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكا ۋە سېربىيە ئەزا بولۇشقا تىرىشىۋاتقان ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا 22 دۆلەتمۇ بار ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.