ئابلاجان ئاۋۇت يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئاممىباب ناخشا چولپىنى سۈپىتىدە تونۇلىۋاتقان ياش بولۇپ، بىر قىسىم چەتئەل تاراتقۇلارى ئۇنى «ئۇيغۇرلارنىڭ جاستىن بايبېرى» دەپ ئاتىغان.
ھالبۇكى، ئۇ تۆنۈگۈن، يەنى 17-مارت كۈنى ب ب س مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى «مەدەنىيەت ئارىلىقى» غا «كۆۋرۈك» بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاممىباب ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇتنىڭ يوقىرىقى سۆزلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي زىددىيەتلەر ئەڭ كەسكىنلەشكەن، قانلىق ۋەقەلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا ئۈزلۈكسىز ھالدا «مۇقىملىق» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» دەپ توۋلاۋاتقان بىر ئالاھىدە مەزگىلدە ئېيتىلغان.
خەۋەردە ئابلاجان ئاۋۇتنىڭ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زادى قانداق «كۆۋرۈك» بولماقچى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتىكى كونكېرىت پىلانى تىلغا ئېلىنمىغان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئىنكاس يېزىپ، ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت خىتايدا تەشۋىقاتچى قۇربانجان سەمەت تىپىدىكى «قىزىل كۆۋرۈك» بولماقچىمۇ ياكى باشقا تىپتىكى «كۆۋرۈك» بولۇشنى ئويلاۋاتامدۇ، دېگەن بەس-مۇنازىرىلەرنى قىلىشماقتا.