دۇنيادىكى نازارەت كامېرا سىستېمىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان «IPVM» تەتقىقات شىركىتى خىتايدىكى كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ئادەملەرنى قېشى، كۆزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئوخشاش مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە پەرقلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كۆزىتىش كامېرا شىركەتلىرىگە كەڭ كۆلەملىك چىراي پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرغان بولۇپ، خىتايدىكى يۈز تونۇش كامېراسى ئارقىلىق تارتىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قاشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تېرە رەڭگى ۋە مىللىتىگىچە بولغان ئون نەچچە ئالاھىدىلىك بويىچە تۈرگە ئايرىلىشى كېرەككەن.
«IPVM» تەتقىقات شىركىتىنىڭ دوكلاتىنىڭ ئاپتورى چارلىز روللېت مۇنداق دېگەن: «بۇ بىزنىڭ بۇنداق سەزگۈر ئالاھىدىلىكلەر ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈۋاتقان ئاممىۋى بىخەتەرلىك كامېرا تورىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشىمىز».
دوكلاتتىكى بىر مىسالدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى نويابىردا بېيجىڭدىكى كىچىك «ئەقىللىق» تۇرالغۇ تۈرىگە خېرىدار چاقىرىش ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، كۆزىتىش كامېرا شىركەتلىرى تەمىنلەيدىغان كامېرالارنىڭ كىشىلەرنى تېرە رەڭگى، مىللىتى ۋە چاچ پاسونى قاتارلىقلار بويىچە تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمىگە يېتىشى تەلەپ قىلىنغان ئىكەن.
روللېت سۆزىدە «بۇ سىستېمىنى دەپسەندە قىلىش قورالى» دەپ كۆرسەتكەن. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان «خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك تەشكىلاتى» نىڭ ئاخباراتقا مەسئۇل خادىمى كايتلىن بىشوپ رويتېرسقا قىلغان سۆزىدە چىراي تونۇش سىستېمىسىدىكى ئىرقىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى پەيدا قىلىۋاتقان ئەندىشە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ بۇنداق تېخنىكىلارنى خەلقئاراغا ئېكسپورت قىلىشىنىڭ كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«IPVM» تەتقىقات شىركىتى بۇ يىل 1-ئايدا، خىتايدىكى Hikvision، Dahua ۋە Uniview قاتارلىق چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۆز كامېرالىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى بايقاش، ئىز قوغلاش ۋە نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى تىزىمغا ئالدۇرغانلىقىنى ئاشكارىلاپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.