ئارخېئولوگلار يېقىندا كۆنچى دەرياسىنىڭ شىمالىدىن بىر قەدىمى شەھەر خارابىسىنى تاپقان. ئارخېئولوگلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خارابىلىكنىڭ ئورنى شىۋېتسىيەلىك سەيياھ سۋېن ھېدىن 1900-يىلى بايقىغان كروران خارابىلىكىدىن 57 كىلومېتىر يىراقتىكەن. خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئارخېئولوگلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ خارابىلىك كروران دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
«شەرقتىكى پومپېي» دەپ ئاتالغان كروران قەدىمدە بىر مەزگىل يىپەك يولىنىڭ مۇھىم سودا تۈگۈنى بولغان. ئارخېئولوگلارنىڭ خىتاي ئاخباراتىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ خارابىلىكنىڭ شەكلى يۇمىلاق بولۇپ، سېپىل بىلەن قورشالغانىكەن. ئارخېئولوگلار خارابىلىكنىڭ دىئامېتىرى 300 مېتىر، ئۇنى قورشاپ تۇرغان سېپىلنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ فوندامېنتى 2.2 مېتىر، بەزى جايلىرىنىڭ 2.7 مېتىر كېلىدىغانلىقىنى، قېلىپ قالغان ئەڭ ئېگىز سېپىل خارابىسىنىڭ 2.5 مېتىر ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كروراندىكى قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ خەۋىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو يېقىندا ئارخېئولوگىيە يىغىنى چاقىرىپ، «ئارخېئولوگىيە خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگو زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا خىزمەت قىلىشى كېرەك» دېگەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.
چېن چۈەنگونىڭ سۆزى چەتئەلدىكى بەزى تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي تارىخشۇناس جۇ شۆيۈەن، چېن چۈەنگونىڭ سۆزىنى «ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق» دېگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئارخېئولوگى خۇ شىڭجۈن، يېڭى تېپىلغان خارابىلىكنىڭ بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مىلادى 7-ئەسىر بىلەن 9-ئەسىر ئارىلىقىدا غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر ئۇنىڭ سۆزى توغرا بولسا، بۇ دەۋر كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ ئاخىرقى، قاراخانىيلار بىلەن ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىگە توغرا كېلىدۇ.