خىتاي دائىرىلىرى كۇچادىن تېپىلغان بىر قەدىمىي قەبرىستانلىقنى خىتاي سۇلالىلىرىگە باغلاپ ئۈستىگە مۇزېي قۇرغان

خىتاي دائىرىلىرى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى بۆشۈكلىرىدىن بىرى» دەپ قارالغان كۇچادىكى 3-ئەسىر بىلەن 6-ئەسىرگە تەۋە بىر قەدىمىي قەبرىستانلىقنى خىتاينىڭ ۋېي-جىن ۋە شىمالىي سۇلالىلىرىگە باغلاپ، بۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئۈستىگە مۇزېي قۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۇچانىڭ دوستلۇق يولىدىكى بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان يەر ئاستى مۇزېيى، 15-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن. ھالبۇكى، بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ 2017-يىلدىن بېرى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئارخېئولوگىيە ئارقىلىق ئىنكار قىلىش، ئۇيغۇر ئېلى «ئەزەلدىن خىتاي تېررىتورىيەسى ۋە خىتاي تارىخىنىڭ بىر پارچىسى» دېگەن تونۇش شەكىللەندۈرۈش، رايوندا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارالماقتا.

بۇ، خىتاينىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر بۇددىزم دەۋرىگە ئائىت ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلىرىنى تۇنجى قېتىم خىتاي سۇلالىلىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشى ئەمەس. خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئۇيغۇر بۇددىزم تەتقىقاتچىلىرى 10-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر بۇددىزمىنىڭ خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى، ئۇنىڭ ھىندىستان بۇددىزم مەدەنىيىتىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئىزلارنى خىتايغا باغلاشتا چىڭ تۇرماقتا. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئارخېئولوگلىرى يېقىندا قەشقەرنىڭ بەشكېرەم بازىرى تەۋەسىدىكى ھىندىستان گاندىرا بۇددىزم مەدەنىيىتىگە باغلىنىشلىق بولغان مورا بۇددىزم خارابىلىكى ئىبادەتخانىسىنىڭ تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تەرىپىدىن سالدۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قېتىم كۇچادا ئۈستىگە مۇزېي قۇرۇلغان قەدىمىي قەبرىستانلىقمۇ خىتاينىڭ 3-ئەسىردىن 6 ئەسىرگىچە بولغان ۋېي، جىن ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگە ئائىت ئىكەن. خەۋەردە، بۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە خېشى رايونىدا بايقالغان خەن سۇلالىلىرىنىڭ خىشتىن ياسالغان قەبرە شەكلى بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك ئىكەنلىكى، «بۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شىنجاڭنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقىنىڭ ئىسپاتى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ھالبۇكى، تارىخشۇناسلار خىتاينىڭ خەن ۋە تاڭ سۇلالىلىرى بۇ رايونغا قوشۇن چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ۋاقىتلىق ۋە ئۆتكۈنچى ھادىسە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.