«ۋولقاننى بايقاش» تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 4 يېرىم ئەتراپىدا كۇچار ناھىيەسىنىڭ غەربى شىمالىدىكى 108 كىلومېتىر دائىرىدە 3.8 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان.
ياۋروپا ئوتتۇرا دېڭىز يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش مەركىزى (EMSC) نىڭ بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن نەق بىر ئاي بۇرۇن، يەنى 9-ئاپرېل كۈنى كېچە سائەت 1 ئەتراپىدىمۇ كۇچا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 81 كىلومېتىر دائىرىدە 4.2 بال يەر تەۋرىگەنىدى.
بۇ يەر تەۋرەشلەر گەرچە ئاپەت پەيدا قىلىدىغان دەرىجىدە ئېغىر بولمىسىمۇ، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى جايلارنىڭ ھېلىھەم يەر تەۋرەش ئاكتىپ بولغان رايون ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.
بۇ يىل 23-يانۋار كۈنى تاڭ سەھەردە ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ يەر تەۋرەشتە پەقەت ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ بەش ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئەمما ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.
خىتاي دائىرىلىرى يەر تەۋرەشكە دائىر ئۇچۇرلارنى قامال قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاپەت يۈز بەرگەن كۈنلەردە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەر تەۋرەشكە ئائىت «ساختا ئۇچۇر» ياكى «ئۆسەك سۆز» تارقاتقانلارنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.