خىتاي «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» ئارقىلىق قىرغىزىستاندا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستاندا «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نى كېڭەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خىتايچە خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىشكەك دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا 2008-يىلى تۇنجى كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە كۇڭزى دەرسخانىسىدىن توققۇزى ۋە 10 ئوقۇتۇش ئورنى ئېچىلغان. شۇنىڭدەك بۇ جايلاردا 4000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەنمەكتىكەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «2008-يىلى قىرغىزىستاندىكى بىشكەك دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۇنجى كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندىن بۇيان 500 دىن ئارتۇق يىغىن، لېكسىيە، فېستىۋال، تىياتىر، رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە مۇسابىقە قاتارلىقلار ئارقىلىق زامانىۋى خىتاي مەدەنىيىتى تەشۋىق قىلىندى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلدى».

خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرگەن قىرغىز ئوقۇغۇچىلاردا خىتايچە ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەنلىكى، خىتايچە ئۆگىنىدىغانلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكى، دەرسخانىدا يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى رەسىم سىزىش ۋە قەغەز كېسىش سەنئىتىنى ئۆگەنگەنلىكى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ۋە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارىلىپ تاقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. دۆلەتلىك تەتقىقاتچىلار بىرلەشمىسى (National Association of Scholars) ئېلان قىلغان دوكلاتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2019-يىلى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئورگان، دەپ بېكىتكەندىن بۇيان، ئامېرىكىدا ئىلگىرى بار بولغان 118 كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ يۈزدىن ئارتۇقى 2022-يىلى مايغىچە تاقىلىپ بولغان ئىكەن.