كۈنمىڭدا خىمىيە زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش يۈز بەردى

16-ماي پەيشەنبە كۈنى كۈنمىڭ پۇقرالىرىدىن نەچچە ئون مىڭ كىشى يۈننەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ، كۈنمىڭدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ كۈنمىڭ پۇقرالىرىنىڭ بۇ يىل 4-مايدىن بۇيان رايوندىكى مۇھىت بۇلغىنىشىغا قارشى ئېلىپ بارغان 2-قېتىملىق نامايىشى بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملىق نامايىشقا كۈنمىڭ پۇقرالىرىدىن 3000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

بۈگۈن كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۈنمىڭدىكى ئون مىڭ كىشىلىك نامايىش ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلدى. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە نامايىش باشلانغاندىن كېيىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرتىپ ساقلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى، پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلاردىن ئىككى كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» دىمۇ نامايىشچىلاردىن قولغا ئېلىنغانلار بارلىقى، ئەمما كونكرېت سانىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى خەۋەر قىلىندى. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان دائىرىلەر كۈنمىڭدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئومۇمى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن نامايىشقا قاتناشمايدىغانلىقى ھەققىدىكى كېلىشىمگە قول قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىقلاردا كۈنمىڭدا نامايىش يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشتا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ئىنكار قىلىندى.