خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 24-مارت كۈنى 2014-يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن 31 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان «1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى»نى پىلانلىغۇچىلار دەپ ئەيىبلەنگەن ئىسكەندەر ئەھەت، تۇرغۇن توختىنىياز ۋە ھەسەن مۇھەممەد قاتارلىق 3 ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسىدە جاۋابكارلىقى بار دەپ ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن پەرقلىق بولدى. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى يەنى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى خىتاي چېگراسىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغاندا تۇتقۇن قىلىنغان، 1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى ھۇجۇمدا نەق مەيداندا بولمىغان بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنى ھۇجۇمنى پىلانلاش ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.
ب ب س ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلار خەۋەرلىرىدە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن نارازىلىق باياناتىدىكى «كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمغا چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەنگەن بۇ ئۇيغۇرلار ئادىل سوتلىنىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك سىياسىي مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە مەجبۇرلىنىشىغا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتىدۇ» دېگەن بايانلىرىنى نەقىل ئالغان.