يېقىندا «دەۋر» ژۇرنىلىدا چىققان بىر ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاينىڭ كۈنتاختىلىرىنى چەكلىگەن ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە مەلۇم بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى ۋە قانۇننىڭ ھۆرمىتىنى قوغداش، ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكانىڭ «يېشىل ئېنېرگىيە» ساھەسىدە خىتايغا بېقىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ كۈنتاختىلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملىق چەكلىمەكتىكەن.
بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ «يېشىل ئېنېرگىيە» سىياسىتىدە كۈنتاختا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتىمۇ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى دۇنيانىڭ يېڭى توك ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسىنى ئىگىلەيدىكەن. خىتاي بۇ ساھەدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، 10 يىل بۇرۇن خىتاي دۇنيانىڭ كۈنتاختا بازىرىنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە 80 پىرسەنتىدىن كۆپىنى ئىگىلىگەن. چۈنكى 2000-يىلىلا خىتاي ھۆكۈمىتى «توك ئاپتوموبىلى، لىتىي باتارېيەسى، كۈنتاختا» قاتارلىق «ئۈچ قۇرۇلۇش تۈرى» گە نەچچە يۈز مىليارد دوللار سەرپ قىلغانىكەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ بازار بولغان ئامېرىكا بۈگۈنكى كۈندە «يېشىل ئېنېرگىيە» ھېسابلىنىدىغان كۈنتاختا ۋە لىتىي باتارېيەسىگە ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە خىتاينىڭ كۈنتاختىلىرىنى چەكلەپ كەلگەن. چۈنكى پاكىتلارنىڭ كۆرسەتكىنىدەك، خىتاينىڭ دۇنياغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان كۈنتاختىلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇيغۇر رايونىدىكى بىرىكمە كرىستال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن. ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى ناھايىتى جاپالىق، مەينەت ھەم مۇھىت بۇلغايدىغان شەكىلدە بولىدىكەن. ئامېرىكا ھازىر ۋىيېتنام، تايلاند، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەردە قۇراشتۇرۇلغان كۈنتاختىلارنى ئىمپورت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭ مۇھىم زاپچاسلىرىنىڭ يەنىلا خىتايدا ئىشلەنگەنلىكى ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا مۇشۇ ۋاققىچە خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق كۈنتاختىلىرىدىن كېلىدىغان مەنپەئەتتىن كېچىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىنمۇ كېيىنمۇ مۇشۇ يولدا مېڭىشى كېرەك ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى قاتارلىق سىياسەت بەلگىلىگۈچى ئورۇنلار بۇ جەھەتتە مۇستەھكەم مەيدانىنى ئىپادىلەپ كەلگەن ھەم بەزى قوشۇمچە قانۇن لايىھەلىرىنى ۋە تەكلىپلەرنى سۇنغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن ۋىيېتنام ۋە تايلاندتىن كېلىدىغان كۈنتاختىلارغا تېخىمۇ ئېغىر چېگرا بېجى قويۇشى، خىتاينىڭ كۈنتاختىلىرىنى كۆپلەپ ئېلىۋاتقان ياۋروپاغا بېسىم قىلىشى كېرەك ئىكەن. شۇندىلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا يەۋاتقان خىتاينى چەكلىگىلى، ئەڭ مۇھىمى كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىدا خىتايغا تايىنىشتىن قۇتۇلغىلى بولىدىكەن.