نۆۋەتتە قۇياش ئېنېرگىيەسى دۇنيا بويىچە توك ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ پاكىز ئېنېرگىيە دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، پەقەت قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسىلا 2050-يىلغىچە ئۆزگەرمەيدىغان تەرەققىيات نىشانى بولۇپ قالغان. ھالبۇكى، قايتا ھاسىل بولىدىغان توك ئېنېرگىيەسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى كۈنتاختىدىن كېلىدىكەن، خىتاي بۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا بىر قەدەم ئالدىغا كەتكەن.
«دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي 10 يىل بۇرۇنلا دۇنيادىكى كۈنتاختا بازىرىنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە 80 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن، يەنى دۇنيا بازىرىنى ئاساسەن مونوپول قىلىۋالغان. 2023-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خىتاينىڭ كۈنتاختا ئېكسپورتى 34 پىرسەنت ئاشقان. ئەمما بۇنىڭ ئارقىسىغا مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئىبارەت ۋەھشىي، رەزىل، قاراڭغۇ بىر رېئاللىق يوشۇرۇنغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقى بىلەن چېتىشلىق، بۇنىڭ ئىسپاتلىرى تولۇق. دۇنيادىكى كۈنتاختىلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان كىرىستاللىق كىرىمنىيىنى ئىشلىتىدۇ».
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتى گەرچە كۈنتاختىغا ئوخشاش يېشىل ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تولۇقلىما ياردەم بېرىش ۋە باجدىن كەچۈرۈم قىلىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئامېرىكانىڭ كۈنتاختا شىركەتلىرى خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر «ئامېرىكا خىتاينىڭ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بوشىتىش كېرەك» دەپ قارىغان. ئەمما ئامېرىكا ئۇنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بىلەن چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ چەكلىمىنى بوشىتىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ھالبۇكى ئامېرىكادىكى كۈنتاختىلار ۋىيېتنام، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغىمۇ خىتايدا ئىشلەنگەن زاپچاسلار ئىشلىتىلگەن.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائىتىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇشى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىغا، ھەتتا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيانلىق ئىكەن.