خىتاينىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدا قۇرغان 5 گېگاۋات توك ئىشلەپچىقىرالايدىغان كۈنتاختا ئېلېكتىر ئىستانسىسى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېلېكتىر تورىغا ئۇلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۈنتاختا ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئايلانغان.
«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 200 مىڭ ئىنگىلىز موسى كېلىدىغان دائىرىدە قۇرۇلغان بۇ كۈنتاختا ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھەر يىلى 7 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېقىن توك چىقىرىدىغان بولۇپ، كىچىكرەك بىر دۆلەتنى بىر يىل تەمىنلەشكە يېتىدىكەن.
ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغان بۇ كۈنتاختا ئېلېكتىر ئىستانسىسى خىتاينىڭ نىڭشيا ۋە چىڭخەيدە قۇرغان كۈنتاختا ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىشلەپچىقىرالايدىغان 3 گېگاۋات توك مىقدارىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
«دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي 10 يىل بۇرۇنلا دۇنيادىكى كۈنتاختا بازىرىنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە 80 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن، يەنى دۇنيا بازىرىنى ئاساسەن مونوپول قىلىۋالغان. 2023-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خىتاينىڭ كۈنتاختا ئېكسپورتى 34 پىرسەنت ئاشقان. ئەمما بۇنىڭ ئارقىسىغا مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئىبارەت ۋەھشىي، رەزىل، قاراڭغۇ بىر رېئاللىق يوشۇرۇنغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقى بىلەن چېتىشلىق، بۇنىڭ ئىسپاتلىرى تولۇق. دۇنيادىكى كۈنتاختىلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان كىرىستاللىق كىرىمنىيىنى ئىشلىتىدۇ».