خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش چۇقانلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئەنگىلىيە ئارمىيەسى ئىشلەتكەن كۈنتاختىلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇپ چىققان. ئەنگىلىيە ئاخبارات قانىلى - BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە ئارمىيەسىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە «زىچ باغلىنىشلىق» دەپ قارالغان شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان كۈنتاختىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. خەۋەردە، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان قۇياش ئېنېرگىيەسى كۈنتاختىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش بىلەن باغلىنىشلىق، دەپ قارىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
BBC نىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگىلىيە ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ تۆت ھەربىي ئەسلىھەسىدىكى قۇياش ئېنېرگىيە كۈنتاختىسىغا 200 مىليون فوند ستېرلىڭ مەبلەغ ئاجراتقان ئىكەن. ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى BBC غا تەمىنلىگەن مەلۇماتىدا، بۇ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى خىتايدىكى جىنكو كۈنتاختىسى شىركىتى، ترىنا ۋە قچەللس قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ تەمىنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ھالبۇكى، ئەنگىلىيە شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلىنا كېننىدى كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ئادالەت تەتقىقات مەركىزى بۇ يىل 7-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، يۇقىرىقى شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا «زىچ باغلىنىشلىق» ئىكەنلىكى، بۇ شىركەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسى» غا قاتناشقانلىقى، كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باشلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. BBC نىڭ ئېيتىشىچە، ترىنا شىركىتى ئۇلارنىڭ سوئالىغا ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن جىنكو كۈنتاختىسى بىلەن Qcells شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى BBC غا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان ۋە قەرەللىك كۆزىتىپ تۇرىدىغان ساغلام تەرتىپلىرىمىز بار» دېگەن. لېكىن BBC نىڭ ئېيتىشىچە، شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكلاتىنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلاردىن ئالان كرافورد، ئۆزلىرى بايقىغان دەلىللەرنىڭ يەنىلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.