خىتاي تاراتقۇلىرىدىن بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇربان ھېيتلىق نەق مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن؛ يىغىنغا ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق شەھەر ۋە ۋىلايەتلەردىن 5 نەپەر ۋەكىلنى تەكلىپ قىلىپ، قۇربان ھېيتلىق تەسىراتلىرىنى سۆزلەتكەن.
قەشقەر شەھرىدە كاۋاب دۇكىنى ئاچىدىغان ياقۇپجان يالقۇن، توقسۇن ناھىيە بوستان بازىرىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم ئەركىن قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ «ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن باياشات ياشاپ، ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزگەنلىكى» نى بايان قىلغان؛ ئۈرۈمچى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۇكۈر رەھمىتۇللا «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئېتىقادنى چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى پىتنە-ئىغۋالىرى» نى قاتتىق ئەيىبلىگەن. يىغىندا يەنە ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى نومۇر ئورۇنلىغان، ۋىدىيودا ئاقسۇ بىلەن خوتەندىكى قۇربان ھېيتلىق ئاتالمىش «قاينام-تاشقىن كۆرۈنۈشلەر» كۆرسىتىلگەن ۋە مەشرەپ بىلەن بۇ يىغىن ئاياغلاشقان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇزۇندىن بېرى قۇربان ھېيتلىق سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ شەكىلدە ئاخبارات ئېلان قىلىشى، ۋەكىللەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ سۆزلىتىشى ئانچە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش. خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قالالمىغانچە ئۇنى يوشۇرۇش ۋە پەردازلاشقا شۇنچە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللەرمۇ كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان بولۇپ، ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ سەھنىدە ئويۇن قويۇۋاتقان ئارتىسلەردىن قىلچە پەرقى يوق ئىكەن. خىتاينىڭ بۇنداق يالغان تەشۋىقاتى ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەچكە، بۇنى تونۇپ يەتكەن ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقى ۋە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەتتۇر.