ئابدۇللا گۈل كۇردلار ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئەنقەرەنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى


15- نويابىر كۈنى كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلىرى تۈرىكىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدىكى مەردىن دېگەن جايدا كېتىۋاتقان تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، بۇ ۋەقە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە جامائىتى ئىچىدە غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆز قىلىپ، ئەگەر كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بۇزسا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ بۇنىڭغا زۆرۈر جاۋابلارنى بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

رۇسىيىنىڭ «رېگنۇم» تورىنىڭ يېزىشىچە، ئابدۇللا گۈل « مەن بۇنىڭ تەسادىپىي ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن بولمىغان ئىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرى ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرى ھەر قاچان جەڭگە تەييار ھالدا» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە «ئەگەر كىمكى يەنە قايتىدىن قولىغا قورال ئالسا، دۆلەتنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك قوراللىرى بار. بۇ مەلۇملۇق» دەپ بىلدۈرگەن .

مەلۇمكى، بۇ يىل مايدا پ ك ك نىڭ رەھبىرى ، ھازىر تۈركىيە تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئابدۇللا ئوجالان پ ك ك غا ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىق قىلغان ئىدى. نەتىجىدە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن ئىدى.
نۆۋەتتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۇردلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا بارلىق ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، كۇردلارنىڭ مىللىي پارتىيىلىرى ھەرىكەت قىلىش، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى تارقىتىش، ئەركىن سۆزلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ،ھەتتا تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ كۆپ ساندا كۇرد پارلامېنت ئەزالىرى بار بولۇپ، كۇردلارنىڭ مىللىي ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە قىلىش ئۈچۈن پارلامېنتتا تەلەپ قويۇش ۋە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر كۇرد سىياسىتى تۈركىيە ئىچىدە تۈرلۈك ئىنكاسلارغا سەۋەب بولسىمۇ، بىراق خەلقارا جەمئىيەتتە تۈركىيەنى كۇردلار مەسىلىسىدە ئەيىبلەيدىغان دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.