ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى (National Security Council) ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى كۇرت كامپبېل (Kurt Campbell) نىڭ ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىقىغا تەيىنلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
«ئاكسىيوس» (Axios) خەۋەرلەر تورىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن ئىگىلىشىچە، كۇرت كامپبېل بۇ ئورۇنغا مۇۋاپىق دەپ قارىلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق كاندىداتلارنىڭ بىرى بولۇپ، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ ئۇنى بېكىتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىش بىلەن تونۇلغان تەجرىبىلىك دىپلومات كۇرت كامپبېل، سابىق پىرېزىدېنت ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلغان. ئۇ پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىلار ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى تەرىپىدىن ئىسمى نۇقتىلىق سانىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، كۇرت كامپبېل ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئاسىياغا يۈزلەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن.
«ئاكسىيوس» نىڭ دېيىشىچە، ئەگەر كۇرت كامپبېل بۇ ۋەزىپىگە تاللانسا، ئۇ خىتاينىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىرىنى چەكلەش؛ ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن سودا ۋە باشقا ساھەلەردە داۋاملىق ھەمكارلىشىشىدەك مۇرەككەپ مۇناسىۋىتىنى ئىدارە قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ بۇ يىل 6-ئايدا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى خۇلاسىلىگەندە، «بىز ھازىر خىتاي بىلەن رىقابەت ئىچىدە. ئەمما بىز توقۇنۇش، قارشىلىشىش ياكى يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا كىرىشنى خالىمايمىز. بىز پەقەت بۇ رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىدارە قىلىشنى كۆزلەيمىز» دېگەن.
كۇرت كامپبېلنىڭ ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىنىش ئاخىرقى قارارى بېكىتىلگەندىن كېيىن، بۇ قارار كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئەۋەتىلىدىكەن.