كۇچاردا 7-قېتىملىق «كۈسەن ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن

28-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت شەھىرى كۇچاردا، خىتاينىڭ 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك «كۈسەن ئىلمىي تەتقىقاتى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 ئارتۇق تەتقىقاتچى قاتناشقان ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان بۇ قېتىملىق يىغىندا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يارقىن تارىخىي نامايەندىسى بولغان «كۈسەن مەدەنىيىتى»، خىتاينىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە قارىتا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى نۇقتىئىنەزىرى» دىن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ يىغىن خىتاينىڭ 2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى قايتا شەرھلەپ، ئۇنى «‍ئەزەلدىن تارتىپ خىتاي تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى» قىلىپ كۆرسىتىشكە باشلىشىدىن بېرى، ئارقا-ئارقىدىن چاقىرىلغان شۇ خىل مەقسەتتىكى يىغىنلارنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى قەدىمىي خوتەن، كۇچار، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ياراتقان مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىدىن ئايرىم خىتاي مەدەنىيىتى نۇقتىئىنەزىرىدىن چۈشەندۈرۈشكە باشلىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جاڭ يوڭدوڭ سۆز قىلىپ، بۇ قېتىملىق كۈسەن ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى نۇقتىئىنەزىرىنى تېما قىلغا ھالدا ئېلىپ بېرىلغان» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولغانلىقى، يىغىندا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تېخىمۇ ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكى» نى ئېيتقان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، قەدىمى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈن بولۇش سۈپىتىدە كۈسەن دۆلىتىنىڭ مەدەنىيىتى نۇرغۇنلىغان چەتئەل مەدەنىيەت ئامىللىرىنى سۈمۈرۈپ، «يەرلىكلەشتۈرۈش» جەريانىدا كۆپ خىللىشىش ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق رايون ئالاھىدىلىكىگە خاس بولغان كۈسەن مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن» ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىغان ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغانىدى. ھالبۇكى، بۇ قېتىملىق يىغىندا تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايلاردىن تەشكىل تېپىشى دىققەت قوزغىدى.