ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 25- دېكابىر كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا، كۇۋەيت پارلامېنتىنىڭ 27 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى كۇۋەيت ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ ئىمزالىق بايانات ئېلان قىلغان.
ئۇلار باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بولغان ھېسسىداشلىقىنى ۋە قوللىشىنى ئىپادە قىلغان ھەم شۇنداقلا كۇۋەيت ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكنى توختىتىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشقا چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇنى ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرىنىڭ سىياسەتچىلىرى ئارىىسدىن ئۇيغۇر مەسىلىىسدە چىققان تۇنجى نارازىلىق ئاۋازى دەپ قاراشقا بولىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاز دېگەندە 2 مىليون ئەتراپىدا كىشىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىيناۋاتقانلىقىغا قارشى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرى ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە بىرەرمۇ ئىسلام دۆلىتىنىڭ ياكى «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئوخشاش نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئاۋاز چىقارمىغانلىقى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغان.
يېقىندا داڭلىق پوتبۇل چولپىنى مەسئۇت ئۆزئىل مانا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ «مۇھەممەد ئۈممەتىنى نومۇسسۇزلۇق قىلىش ۋە زالىملارنىڭ زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.