خىتاي لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئورنىنى ئىچكىرىدىن خىتايلارنى يۆتكەپ كېلىپ تولدۇرماقتا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىشى ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىشى ئۇيغۇر رايونىدا نۇرغۇن خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ بوش قېلىپ، ئىختىساس ئىگىلىرى قەھەتچىلىكى پەيدا قىلغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىتايلارنى يۇقىرى مائاش، يۇقىرى پاراۋانلىق بىلەن يۆتكەپ كېلىپ، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرماقتا ئىكەن. بۇ يىل 1‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىغا 13 مىڭدەك مەمۇرىي خادىم، ساقچى، ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان. يىغىۋېلىش لاگېرىدا يېتىپ چىققان بىر يەرلىك ئاھالىنىڭ رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك مىللەتلەر ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا ئەركەكلەرنى ئۇچرىتىش قىيىن بولۇپ، دائىرىلەر بۇ بوشلۇقنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق تولدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا جەمئىيەتكە 173 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇرۇن «تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ» مەسىلىسى تېخى بىر تەرەپ قىلىنمىغان كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئۆتكەن يىلى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇر خىزمەتچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 4 مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى بار ئىدى. ئۇلار «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل يەنە يەكەن، يوپۇرغا، جىڭ ناھىيىسى، قىزىل سۇ ئوبلاستى، ئىلى ئوبلاستى قاتارلىق جايلار ئارقا-ئارقىدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان. مەلۇم بولۇشىچە، يەكەن ناھىيىلىك مائارىپ تارماقلىرى بۇ يىل 5000 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، قوبۇل قىلىش ياش چەكلىمىسىنىڭ «30 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن» لىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سىياسىي قانۇن كومىتېتى ۋە ج خ ئىدارىسى خىتاينىڭ گەنسۇ، شەنشى، خېنەن، سىچۈەن، يۈننەن ۋە چوڭچىڭ قاتارلىق ئۆلكە ھەم شەھەرلىرىگە ئادەم قوبۇل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن. بۇرۇن قارامايدىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرىدا يېتىپ چىققان قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بېكئالىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ھازىر لاگېرلاردا 4‏-5 مىليوندەك ئادەم تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. ئۇ قاراماينىڭ ئۆزىدە «ئەركەكلەرنىڭ يۈزدە 80 % ئى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنىڭ لاگېر ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، «كەسپىي تېخنىكا مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا قانچىلىك ئادەم «كەسپىي تەربىيە» كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ باقمىدى.