«ئېنژىنېرلىق ۋە تېخنولوگىيە» ناملىق مۇستەقىل ئورگان يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر كۆلىمىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى بايقىغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن 12-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ «ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆيىگە قايتقان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئىگىلەنگەن سانلىق مەلۇماتلار بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكادىكى «ئېنژىنېرلىق ۋە تېخنولوگىيە» ژورنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلەردىكى چىراق نۇرىنى ئانالىز قىلىدىغان بىر خىل يېڭى تېخنولوگىيە ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردىكى ھەرىكەتچانلىقنىڭ ئىلگىرىكىدىن ئاشقانلىقىنى بايقىغان.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان بۇ مۇستەقىل ئورگاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدا ئورنى بەلگىلەنگەن 61 لاگېرنىڭ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرقى يېرىم يىلىدىن تارتىپ 2019-يىلى ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا تارتىلغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىكى چىراق نۇرى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلغان. نەتىجىدە ئۇلار بۇ 61 لاگېر ئىچىدىن 52 سىدە ھەرىكەتچانلىقنىڭ ئارتقانلىقىنى، يەنى لاگېرلارنىڭ ئىلگىرىكىدىن 32 پىرسەنت يورۇقلىقىنى بايقىغان. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، 61 لاگېرنىڭ چىراق ئىشلىتىش نىسبىتى 24 پىرسەنت ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۇمشۇقتىكى لاگېر ئەڭ گەۋدىلىك ئىكەن.

ئۇلارنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، لاگېرلاردا كېچىدە يېقىلىۋاتقان چىراق سانىنىڭ ئارتىشى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئارتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تەتقىق قىلىشتا كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنزمۇ زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ «چىراق نۇرىنى ئانالىز قىلىدىغان تېخنولوگىيەدىن چىققان تەنىجىگە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقۇنلارنى قويۇۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزىنىڭ يالغانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك يوسۇندا ئىسپاتلاندى،» دېگەن.