خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قايتا تەربىيە تۈزۈمى ھەققىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىكى مىللىي ۋە دىنى ئادەتلىرى تۈپەيلىدىن جازالىنىۋاتقانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان ئىنچىكە تەپسىلاتلار ئاشكارىلانماقتا.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «تەڭرىتاغ» تورى 13-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدە «رەيھانگۈلنىڭ تۇرمۇشى مەنىلىك ئۆتمەكتە» ماۋزۇلۇق بىر پارچە خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلغان. خەۋەردە «دىنى ئەسەبىيلىك» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» گە كىرىپ تەربىيەلىنىپ يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان 25 ياشلىق رەيھانگۈل ئابابەكرىنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان:
«رەيھانگۈل بۇ يىل 25 ياشتا، ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاتالمىش ‹دىنىي قائىدە-يوسۇن› بويىچە ئىش قىلىپ، ‹ئاياللار كالتە يەڭ كىيىم كىيسە بولمايدۇ، سىرتلاردا ئاشكارا يۈرسە بولمايدۇ، بولمىسا دوزاخقا كىرىدۇ› دەپ قارىغان. . . رەيھانگۈل دىنىي قائىدە-يوسۇنلاردا ئاياللار ئالتۇن-كۈمۈش زىننەت بۇيۇمى تاقىسا ‹زاكات› بېرىشى كېرەك، بولمىسا جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، دېگەننى ئويلاپ خۇپىيانە زاكات بەرگەن»
خەۋەردە يەنە رەيھانگۈلنىڭ ھەرقانداق نەرسە سېتىۋالسا «مۇسۇلمانچە» ياكى ئەمەس دەپ ئايرىغانلىقى، ئېرىنى ناماز ئوقۇشقا مەجبۇرلىغانلىقى، نەتىجىدە ئېرىنىڭ ئۇنى «يېڭىسار ناھىيىلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى» گە بېرىپ تەربىيەلىنىشكە كۆندۈرگەنلىكىدەك مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بولسا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاياللار كالتە يەڭ كۆڭلەك كىيمەسلىك ۋە زاكات بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بىر ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يۇقىرىقى بۇ خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا تەربىيە لاگېرلىرى ئارقىلىق قانداقتۇر «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» بىلەن كۈرەش قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرماقتا، دېدى.
يۇقىرىقى بۇ خەۋەردە دىققەت قوزغايدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، رەيھانگۈلنىڭ يېڭىساردىكى ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى» دە پەلەي تىكىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، كۈنىگە 80 جۈپ پەلەي تىكىۋاتقانلىقى ئىدى.
«تەڭرىتاغ» تورى ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلغان بىر پارچە خەۋىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە ھەرقايسى ناھىيىلەردە كىيىم تىكىش، پەلەي تىكىش دېگەندەك زاۋۇتلار قۇرغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا خىزمەتكە ئېرىشكەنلىكى، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ چاڭغا تېيىلىش پەلىيى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولغان شەندۇڭ «جىنىڭ جۇڭشىڭ پەلەي گۇرۇھى» نىڭ يېڭىسار ناھىيىسىگە ماكانلاشقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى بۇ خەۋەر بۇ ئاتالمىش پەلەي زاۋۇتىنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئورۇن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ تۇرماقتىكەن.