يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتقۇنلارغا بېرىلگەن دورا ۋە ئوكۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا گۇمان قوزغىدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتقۇنلارغا نامەلۇم دورا ياكى سۇيۇقلۇق ئىچۈرىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىشقا باشلىماقتا.


قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى سېرىكجان بىلاشنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، «ئۇلار شىنجاڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا نامەلۇم دورا ئىشلىتىلگەنلىكى، ھەتتا دورا تەجرىبە قىلىنغانلىقىغا دائىر نەچچە يۈز دېلو توپلىغان».

«ئاتا يۇرت» ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا تۇتقۇنلارغا نامەلۇم دورا، سۇيۇقلۇق ئىچۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن تۇنجى تەشكىلات بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە دېلو توپلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان تۇنجى تەشكىلاتتۇر. خىتاينىڭ تۇتقۇنلارغا نامەلۇم دورا ئىچۈرىدىغانلىقىنى بۇرۇن بۇ لاگېرلاردا يېتىپ چىققان مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىق تۇتقۇنلار ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ مەسىلە ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى سامانتا خوفماننىڭ 24‏-يانۋار ئامېرىكا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇ مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بەرگەن بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن. مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامەلۇم دورا ئاياللاردا خامۇشلۇق پەيدا قىلىپ، نېرۋا سىستېمىسى ۋە سېزىمىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، ھېيىزنىڭ كېسىلىشى قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ مەسىلە يېقىندا لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ، قازاقىستانغا قايتىپ چىققان بىر قازاق پۇقراسىدا روھىي بىنورماللىق كۆرۈلگەندىن كېيىن، تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان.

«ئاتا يۇرت» نىڭ مەسئۇلى سېرىكجان بىلاشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەردىن تۈرمىدە ئۇلارغا مەجبۇرىي ئوكۇل ئۇرۇلغانلىقىنى نەچچە يۈزلىگەن پاكىتلار ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن.»

ئۇ، تۇتقۇنلارغا قەرەللىك دورا ئىچۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قېنى تەكشۈرۈلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ تەجرىبە بۇيۇمى ئورنىدا قوللىنىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ ئۇچۇرنىڭ راست-يالغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىپ باقمىدى. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر بۇ كىشىلەرنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە سىياسەت قانۇن تەربىيەسى ئېلىشى ۋە كەسىپ ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلماقتا ئىكەن. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ تۈرمىدەك باشقۇرۇلىدىغان بۇ لاگېرلاردا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.