لاگېرلاردىكى جىنسىي زوراۋانلىق دىققەت قوزغىماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرغا قامالغان مىليونلىغان تۇتقۇنلار ئارىسىدا قىزلار ۋە ئاياللارمۇ بەلگىلىك ساننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپلەپ جىنسىي خورلۇقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان غەرب دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.

2020-يىلىنىڭ بېشىدا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە مەخپىي دوكلاتى ئاشكارا بولۇپ كېتىپ، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئىپپەت-نومۇسىنى بۇلغاش قىلمىشىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. 11-فېۋرال كۈنى ئىتالىيەدە چىقىدىغان «زىمىستان» تور ژۇرنىلىدا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرىدىن نەقىللەر كەلتۈرۈش ئارقىلىق ھازىر لاگېرلاردا بۇ خىلدىكى جىنسىي خورلۇق ۋە نومۇسىغا تېگىش قىلمىشلىرىنىڭ يامراپ كەتكەنلىكى شۇنداقلا بۇنىڭ ھېچقانداق گۇمانغا ھاجىتى چۈشمەيدىغان پاكىت بولۇپ قالغانلىقى مۇھاكىمە قىلىندى.

«زىمىستان» تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، سىياسىي سەۋەبلەردىن تۇتقۇن قىلىنغان قىز-چوكانلارنىڭ نومۇسىغا تېگىش قىلمىشى تىبەت رايونىدىكى مۇناخلار ئارىسىدا «قايتا تەربىيەلەش» ئېتىكى ۋاسىتىلەردىن بىرى بولۇپ قالغان. ئەنە شۇ ئۇسۇلنى كۆپلەپ سىناق قىلغان چېن چۇەنگو بولسا نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئۆتىمەكتە ئىكەن.