مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۈزۈمى بىلەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇلاھىزە قىلماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ «ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى» ۋە شۇنداقلا لاگېر تۈزۈمىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات جەريانى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇلاردىن بىرى، يۇقىرىدىكى بۇ سىياسەتلەرنىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىكەنلىكىدۇر. ئاۋسترالىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى مايكىل كلارك 11-ئىيۇل كۈنى، دىپلومات ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «2009-يىلى ئۈرۈمچىدىن قايتا تەربىيە مەركەزلىرىگە سوزۇلغان يول» ناملىق ماقالىسىدە مانا بۇ ئىدىيەنى ئالغا سۈرگەن.

مايكىل كلاركنىڭ بايان قىلىشىچە، «خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن كېيىن، بىر ئىمپېراتورلۇقنى قانداق قىلىپ تاجاۋۇزچىدەك كۆرۈنمەي تۇرۇپ ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن سوئالغا دۇچ كەلگەن، ئۇ خىتاي بولمىغان 12 مىللەتكە مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى قارار قىلغان، قارىماققا خۇددى بۇ مىللىي ئاپتونومىيەلەر خىتاي كومپارتىيەسى كۈنلۈكى ئاستىدا ھوقۇقتا باراۋەر ھالدا، ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، تىلى، دىنى ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغان ۋە قوغدىلىدىغان بولسىمۇ بىراق ئەمەلىيەتتە، بۇ ئاپتونوم رايونلار ناھايىتى چىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت كونترولىغا ئۇچرىغان ۋە بۇ رايونلارغا تۈركۈملەپ خىتاي كۆچمەن يۆتكەپ ئاپىرىلغان. جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئەھۋال تېخىمۇ شۇنداق بولغان».

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، يۇقىرىقىدەك سىياسەتلەر تۈپەيلى رايوندا نارازىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئوڭشاشنىڭ ئورنىغا، رايوننى يەنىمۇ چىڭ سىياسەتلەر بىلەن باشقۇرغان. ئاخىرى، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى پارتلىغاندىن كېيىن بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، خىتاي ئاخىرى بۇ رايوننى تىنچىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت، تىل ۋە دىن ئامىللىرىنى سۇسلاشتۇرۇش يولىنى تاللىغان. نەتىجىدە، بۇ سىياسەتكە ئاساسەن رايوندا بارا-بارا يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلار قاتتىق قامال ئاستىغا ئېلىنىشقا، ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتى بوغۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلى مەدەنىيىتى ۋە تىلى تەشەببۇس قىلىنىشقا ۋە ئاخىرىدا زور كۆلەملىك لاگېرلار بارلىققا كېلىپ مىليونلارچە ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامىلىشقا باشلىغان.

ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننى تىنچىتىش ئۈچۈن تاپقان سىياسىتىنى «ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى خىتاي مىللىتى، خىتاي مەدەنىيىتى، كومپارتىيە ۋە خىتايچە سوتسىيالىزم بىلەن زىچ بىرلەشكەن قىلىۋېتىش» دەپ باھالىغان.