لاگېردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغماس قىلىۋېتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلاردا كۆرۈلۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلەردىن تاشقى دۇنياغا ئانچە كۆپ مەلۇم بولمىغان بىرى بۇ جايغا قامالغان قىز-ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىنىڭ كېسىپ تاشلىنىشى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.


ئەنگلىيەدىكى «مۇستەقىل» گېزىتىنىڭ 13-ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا دەل مۇشۇ مەسىلىلەر بايان قىلىنىدۇ.

ئاپتور بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئېنىقلاش جەريانىدا سابىق مەھبۇسلاردىن گۈلباھار جېلىلوۋا، مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىق شاھىتلار ئۆزلىرى قاماقتىكى مەزگىللەردە سەۋەبسىزلا ئوكۇل ئۇرۇلغانلىقىنى، شۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن كۆپ قىسىم ئاياللارنىڭ ھېيىز كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. مېھرىگۈل تۇرسۇن بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا: «ئۇلار مەجبۇرلاپ يېگۈزگەن دورىلارنى يېگەندىن كېيىن ھەپتە-ھەپتىلەپ ماغدۇرىمىزدىن كېتىمىز. خاتىرىمىزمۇ بىراقلا ئاجىزلاپ كېتىدۇ» دەيدۇ. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئەمما ئۇ ئامېرىكىغا قەدەم باسقاندىن كېيىن ئاندىن دوختۇرلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان تۇغماس قىلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان.

تارىخىي ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاياللارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى كېسىپ تاشلاش چارىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلار گېرمانىيسى كۆپلەپ قوللانغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇنىڭدا ئۇلار «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» نامىدا ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا ھەر خىل خىمىيەلىك سۇيۇقلۇقلارنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇۋېتىدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئۇسۇلدا ئاز دېگەندىمۇ 500 مىڭ يەھۇدىي ئايال تۇغماس قىلىۋېتىلگەنىكەن.