ئامېرىكانىڭ «ABC» قانىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە پروگرامما تارقىتىلدى

ئامېرىكانىڭ «ABC» قانىلى 29-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلىي ئىشلەنگەن زور ھەجىملىك بىر پروگرامما تارقاتتى. مەزكۇر پروگرامما ۋېكتور ئوردونېز قاتارلىق بىر قىسىم مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە شۇنداقلا قازاقىستانغا قىلغان بىۋاسىتە زىيارىتى ۋە شۇنداقلا لاگېر شاھىتلىرى ۋە يېقىنلىرى لاگېرغا تۇتۇلغانلارنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا ئىشلەنگەن.

پروگراممىدا يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز، دەررىن بايلېر، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون قاتارلىقلارمۇ زىيارەت قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە باھالىرى تونۇشتۇرۇلغان.

مۇخبىرلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە ساقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن ھالدا گۇگۇل خەرىتىسىدە ئورنى بەلگىلەپ چىقىلغان لاگېرلارنى سۈرەتكە ئېلىشى مۇمكىن بولمىغان. مۇخبىرلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە يېپىق «تەربىيە مەركەزلىرى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئورۇنلاردا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمما مۇخبىرلار بايانىدا بۇ ئورۇنلارنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدە كۆرۈنگەن لاگېرلار ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ساقچىدىن ئۆزىنى شۇ يەرلەرگە ئاپىرىشنى تەلەپ قىلغان، خىتاي خادىم ئۇنىڭغا «كېلەر قېتىم كەلگىنىڭىزدە ئاپىراي» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بولسا پروگراممىدىكى سۆزىدە بۇ ئورۇنلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مېڭە يۇيۇشقا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. باشقا تەتقىقاتچىلار ۋە لاگېر شاھىتلىرىمۇ ئۆز بايانلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا تۇتقۇنلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قېيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق پاكىتنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن.