د ئۇ ق خەلقئارا جەمئىيەتنى لاگېرلاردا غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا چاقىردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 19‏-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئىنكار قىلىشتىن ئۇنى پەردازلاشقا ئۆتكەنلىكى، خەلقئارا جەمئىيەت غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان لاگېرلار ھەققىدىكى پروگراممىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا قىلغان لاگېرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىگە قارىتا ئېلان قىلىنغان.

باياناتتا، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارغا دائىر پوزىتسىيەسى دەرھال ئۆزگىرىپ، لاگېرلارنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقى، لېكىن ئۇنىڭ پەردازلىشى ئاممىۋى گۇرۇھلار، تەتقىقاتچىلار ۋە دىپلوماتلارنىڭ رايوندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر دوكلاتلىرىغا پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى كۈنگىچە لاگېر ياكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن. پەقەت ئۇ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما بۇ ئورۇنلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئارقىدىنلا خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاتالمىش بۇ «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» نى تونۇشتۇرۇپ بىر پروگرامما ئىشلىگەن ئىدى.

باياناتتا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلىپ، «خىتاي 2018‏-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، مانا ئەمدى بۇ ئورۇنلارنى كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى، دەپ پەردازلاپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلماقتا» دېگەن.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كېلەر ئاي جەنۋەدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش ھارپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتلىرىغا دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.

باياناتتا، ئالاقىدار دۆلەتلەر دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىلىپ، «مېنىڭ ئائىلەم قېنى، دېگەن سوئالغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىش بىز ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەزىپىسى» دېيىلگەن.