نەيتىن رۇسېر: «دەلىللەر خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى رەت قىلماقتا»

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى «شىنجاڭ سانلىق ئۇچۇر پروگراممىسى» نىڭ تەتقىقاتچىسى نەيتىن رۇسېرنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دەلىللەر خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى سۆزىنى ئىنكار قىلماقتىكەن. نەيتىن رۇسېرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئېنىقلاپ چىققان لاگېرلارنىڭ ئىچىدىكى 60 تەك لاگېر خىتاي ھۆكۈمىتى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كېڭەيتىپ قۇرۇلغان ياكى قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان لاگېرلار ئىكەن.

نەيتىن رۇسېر بۇ سۆزلەرنى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستۇتىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزلگەن «سىياسەت، قورال ۋە پۇل: شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى» ناملىق تور سۆھبەت يىغىنىدا تەكىتلىگەن. بۇ ئىنستىتۇتنىڭ تەتقىقاتچىسى ئاناستاسىيا كاپېتاسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر تور سۆھبىتى «شىنجاڭ سانلىق ئۇچۇر پروگراممىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ يەر شارىۋىي تەسىرى» نى تېما قىلغان. سۆھبەتكە يەنە كېلسەي مۇنرو، جېيمىس لېيبولد قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان.

جېيمىس لېيبولدنىڭ تەكىتلىشىچە، دەلىللەر لاگېردىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتكە قويۇپ بېرىلگەن ياكى مەجبۇرى ئەمگەككە يۆتكەلگەنلىكى، يەنە بىر قىسمىنىڭ رەسمىي قاماققا ئېلىنغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. بۇ تەتقىقاتچىلار يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا 2017-يىلدىن كېيىن قۇرۇلغان ۋە كېڭەيتىلگەن 380 دەك لاگېرنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇلار ئارقىدىن ئېلان قىلغان يەنە بىر دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە 16 مىڭ مەسچىتنىڭ چېقىلغان ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.