ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان تەنتەربىيە كىيىملىرىنى يىغماقتا ئىكەن

ئامېرىكىدىكى باجېر شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تەنتەربىيە كىيىملىرىنى ئىمپورت قىلىپ ئامېرىكىدا بازارغا سالغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى ھەر قايسىي ئۇنىۋېرسىتېتلار باجېر شىركىتىنىڭ مەكتەپ دۇكانلىرىدىكى تەنتەربىيە كىيىملىرىنى يىغىۋېتىشكە باشلىغان.

ئامېرىكىدىكى CBS تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەيىن شتاتىدىكى بوۋدۇئىن، بەيتېس، كولبېي، مەيىن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى، تېكساس A&M ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىمالىي كارۇلىنادىكى ئاپالىچېن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مەكتەپ دۇكانلىرىدىكى باجېر شىركىتىنىڭ تەنتەربىيە كىيىملىرىنى يىغىۋەتكەن.

ئاپالاچىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتچىسى CBS تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ باجېر شىركىتى بىلەن بولغان توختامىنى بىكارقىلغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن باجېر شىركىتىنىڭ تەنتەربىيە كىيىملىرىنى ساتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تېكساس A&M ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى شانېي ھېنكلېي «تېكساس A&M ئۇنىۋېرسىتېتى ھەرقانداق ئەھۋالدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشقا سېلىشقا كۆز يۇممايدۇ ۋە قوللىمايدۇ،» دېگەن.

يېقىندا ئامېرىكىدىكى باجېر تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ «تەيدا ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» خوتەندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان تەنتەربىيە كىيىملىرىنى ئىمپورت قىلىپ، ئامېرىكىدا بازارغا سالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى بىرلەشمە ئاگېنتلىق، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»، «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاگېنتلىقلار ۋە گېزىتلەر ئاشكارىلاپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

بۇ خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، باجېر شىركىتى خوتەندىن كىيىم-كېچەك ئىمپورت قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ شىركەتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جون ئانتون تىۋېتتردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى، بۇنىڭدىن كېيىن «تەيدا شىركىتى» دىن مەھسۇلات سېتىۋېلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى» ۋە «مالىيە ۋاقتى» گېزىتلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا ياكى لاگېرلارنىڭ يېنىدا زاۋۇت-كارخانىلارنى قۇرۇپ، تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا ئىكەن.