30-ئاۋغۇست كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ ب ب س ئاگېنتلىقى «كەچلىك خەۋەرلەر» سەھىپىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېردا يېتىپ چىققاندىن كېيىن ئۇنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا رول ئوينىغان ساناقلىق شاھىتلاردىن بېرى ئۆمۈربەك زىيارەت قىلىنغان.
ب ب س ئاگېنتلىقى خەۋەر پروگراممىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىدا 2017-يىلى 3-ئايدا لوپ ناھىيىسىدە كۆك رەڭلىك تۈرمە كىيىمى كىيىپ مەيداندا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان كىشىلەرنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردا كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇۋاتامدۇ؟ خىتاي دىپلوماتى خۇ لىيەنخې يېقىندا ئۇ يەردە ‹قايتا تەربىيە› لاگېرلىرى يوق دېدى. ئۇنداقتا، بۇ كىشىلەر بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دەپ سوئال قويغان.
ئۆمۈربەك ب ب س غا قىلغان سۆزىدە لاگېردىكى مەزگىللىرىدە ئۆز بېشىغا كەلگەنلەرنى، ئۇ يەردە كىشىلەرنىڭ داۋاملىق كومپارتىيىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ سىياسەتلىرىنى يادلاشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، قىلالمىغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئېيتىپ بەرگەن. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ 20 دىن ئوشۇق تۇغقىنىڭ ھازىر لاگېردا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۈگۈن يەنە «ئەل-جەزىرە» قانىلىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس پروگرامما تارقىتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى مەخپىي لاگېرلارغا قاماۋاتامدۇ» دەپ سوئال قويدى. پروگراممىغا گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادريان زېنز، ئەنگلىيە نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاندىرىياس فۇلدا ۋە خوڭكوڭدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەنجۇ لىياڭ قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇ يەردە بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ سولانغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەقسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرى خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانماقتا.