مەخپىي ھۆججەتلەردىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنى «ھەرگىز قاچۇرۇپ قويماسلىق» بۇيرۇقى ئالاھىدە دىققەت تارتتى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا ئالاقىدار ئىككىنچى قېتىم، يەنى 24-نويابىر كۈنى ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەردىكى لاگىردىكىلەرنى «ھەرگىز قاچۇرۇپ قويماسلىق» بۇيرۇقى خەلقئارا خەۋەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ھالىقلىق پاكىت سۈپىتىدە تىلغا ئېلىندى.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى تەھرىرات ماقالىسىدىمۇ ئۆتكەن بىر ھەپتىنىڭ خىتاي ئۈچۈن خەيرلىك بىر ھەپتە بولمىغانلىقى بايان قىلىنىپ، ئاشكاراىلانغان مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتلەردە ئۇيغۇر رايونىدا لاگېردا يېتىۋاتقان تۇتقۇنلارنى «ھەرگىز قاچۇرۇپ قويماسلىق» بۇيرۇقى بېرىلگەنلىكى تەكىتلەندى.

«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىمۇ مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتلەردىكى «دەرۋازىنى مەھكەم تاقاش، بىنانى مەھكەم تاقاش، ياتاق ئىشىكىنى مەھكەم تاقاش، كارىدور ئىشىكىنى مەھكەم تاقاش، ئىشىكنى ئاچقان ھامان دەرھال تاقاش» دېگەن جۈملىلەر ئەينەن نەقىل ئېلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلارنى ئاقلاپ سۆز قىلغاندا ئۇنى «ياتاقلىق مەكتەپ» كە ئوخشىتىپ، ئاتالمىش «ئوقۇچى» لارنىڭ بۇ يەرگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن كېلىدىغانلىقى ۋە خالىغان ۋاقتىدا ئۆيىگە قايتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى. «كۆزىتىش» ژورنىلىنىڭ بۈگۈنكى تەھرىرات ماقالىسىدا ئاشكارىلانغان مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ خىتاي تەرەپنى تەشۋىقات سېپىدە ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرلۈگەن. بىرىنچى قېتىم ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەردە يەركەننىڭ سابىق سېكرىتارى ۋاڭ يوڭجىنىڭ لاگېردىكى 20 مىڭ تۇتقۇندىن 7مىڭنى قويۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغانلىقى ئالاھىدە دىققەت تارتقان ئىدى.