«ئاكسيوس» (Axios) تورىنىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ بىرىدە ئون ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئۆتكۈزگەن يەنە بىر لاگېر شاھىدى ئوبۇلبېك تۇرداخۇن 8-ئاپرېل كۈنى ئائىلىسى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى ھەققىدە تېخىچە ئېنىق بىر قارار ئالالماي ئىككىلىنىپ تۇرىۋاتقاندا، بۇ ئىككىيلەننىڭ بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ يېڭى دەلىل-ئسپاتلارنى تاپشۇرۇدىغانلىقى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوبۇلبېك تۇرداخۇن سانى ئانچە كۆپ بولمىغان قىرغىز خىرىستىيانلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغۇز بۇ جايدىكى ئاساسىي مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىلا يوقىتىش ئوبېيكتى قىلمايۋاتقانلىقى، ئەكسىچە بۇ ماكاندىكى خىتاي بولمىغان بارلىق مىللەتلەرنى ۋە بارلىق دىنلارنى قىرغىنچىلىق ئوبيېكتى قىلىۋاتقانلىقىنى جانلىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇ ۋاشىنگتوندىكى داللېس (Dulles) ئايرودرومىغا چۈشكەندە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «ئالدى بىلەن پەرۋاردىگارىمىز، ئاندىن قالسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا كۆپلىگەن دوستلار بىزنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ئەگرى-توقايلىقلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، بۇ ئەركىن تۇپراققا دەسسىشىمىزگە ياردەم قىلدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۈمىدىمىز ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى،» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئوبۇلبېك تۇرداخۇن ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئايالى قىرغىزىستان پۇقراسى بولغانلىقتىن 2018-يىلى فېۋرالدا ئايالىنىڭ تۇغقانلىرىنى يوقلاپ قىرغىزىستانغا بارغان. ئەمما ئۇ جايدا تۇرغان ۋاقتى بېكىتىپ بېرىلگەن سۈرۈك مۇددىتىدىن سەل ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، قايتىپ كەلگەن ھامان تۇتقۇن قىلىنغان. تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ھەر خىل سوراقلارغا، «يولۋاس ئورۇندۇق» تا ئولتۇرۇشقا ۋە باشقا جىسمانىي قىيناقلارغا دۇچ كەلگەن. شۇنىڭدەك تۇتقۇنلارغا نامەلۇم ئوكۇل ئۇرۇلىدىغانلىقى، بۇ خىل ئوكۇل ئۇرۇلغانلارنىڭ تېزلا پۇت-قوللىرى تۇتماس بولۇپ قالىدىغانلىقى ياكى قۇلاقلىرىدىن يىرىڭ ئېقىپ ئاڭلىماس بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرگەن. شۇ قاتاردا ئوبۇلبېكمۇ ئاشۇ ئوكۇل ئۇرۇلغانلىقتىن بىرنەچچە ئاي يەر دەسسىيەلمەس بولۇپ قالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوبۇلبېك 2018-يىلى نويابىردا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بىر يىلچە ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلىنغان. 2019-يىلى دېكابىردا ئايالى ۋە بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ خىتاي-قىرغىزىستان چېگراسىدىن پىيادە كېسىپ ئۆتۈپ قىرغىزىستانغا يېتىپ كەلگەن. بۇ جايدا ئۇنىڭغا ئولتۇرۇم رۇخسىتى بېرىلگەن بولسىمۇ، قىرغىزىستان دائىرىلىرى ئۇنىڭ سۈرۈكى توشقاندا يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە گەپلەر پەيدا بولغان. ئەنە شۇنداق ئىزتىراپلىقتا قالغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) ۋە كىرس سىمىس (Chris Smith) نىڭ بىۋاستە تۈرتكىسىدە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۇنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى كۆپ قېتىملاپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، تاجىكىستاننىڭ ئۆزىدىلا ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ مىڭ ئۇيغۇر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئوبۇلبېك خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش، شۇنىڭدەك بۇ خىل مەجبۇرىي يوسۇندىكى خىتايغا قايتۇرۇش قىلمىشى ھەققىدە تۇنجى گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولۇپ قالىدىكەن.