ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى بىلەن قەلبىنۇر سىدىق 28-سېنتەبىر كۈنى دۇنيانىڭ نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇنبەرلىرىدىن «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، دۇنيانى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. گۈلباھار خاتىۋاجى بىلەن قەلبىنۇر سىدىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر پائالىيىتىدە زالدىكى يۈزلەرچە كىشىگە ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «قايتا-تەربىيەلەش» نامىدىكى خىتاي جازا لاگېرلىرىدا بېشىدىن كەچۈرگەن قورقۇنچلۇق قىسمەتلىرىنى، روھىي ۋە جىسمانىي ئىسكەنجىلەرنى ھەم لاگېردا شاھىت بولغان قورقۇنچلۇق جىنايەتلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا كىشىلەرنى «بىر كىشىلىك ئىنسانى بۇرچىنى ئادا قىلىشقا» چاقىرغان.
ئامېرىكا «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» نىڭ ساھىبخانلىقىدىكى «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى پائالىيىتى، ب د ت نىڭ يىللىق ئومۇمىي يىغىنى نيۇ-يوركتا چاقىرىلغان، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى نيۇ-يورك شەھىرىدە توپلانغان، ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم خەلقئارا كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالغان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ، گۈلباھار خاتىۋاجى بىلەن قەلبىنۇر سىدىقنىڭ خەلقئارا ئاممىۋى سەھنىلەردە تۇنجى قېتىم گۇۋاھلىق بېرىشى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى نيۇ-يوركتا توپلانغان بىر ۋاقىتتا، يۈزلەرچە كىشى قاتناشقان چوڭ پائالىيەتتە خەلقئارا جامائەتنى نەق مەيداندىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ سەھنىسىدە گۈلباھار خاتىۋاجى لاگېرلارنى تاقاش، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش يولىدا «بىز تېخى ھايات، بىز ھەرگىز توختاپ قالمايمىز» دەپ خىتاب قىلغان. قەلبىنۇر سىدىق بۇنىڭ ئۈچۈن يىغىن ئەھلىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنى قوللاشقا چاقىرىپ: «ئۆزۈڭلارنىڭ بىر كىشىلىك ئىنسانلىق بۇرچۇڭلارنى ئادا قىلىشىڭلارنى ۋە بىزگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.
گۈلباھار خاتىۋاجى ئەسلى قارىمايدىكى بىر نېفىت ئىنژېنېرى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلى ئۇنى فىرانسىيەدىن پېنسىيە رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش نامىدا چاقىرىپ كېلىپ لاگېرغا قامىغان. ئۇ 2019-يىلى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك ئارىلىشىشى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ، فىرانسىيەگە قايتىپ چىققان. قەلبىنۇر سىدىق ئەسلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ھازىر گوللاندىيەدە ياشايدىغان قەلبىنۇر 2017-يىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۈرۈمچىدىكى بىر لاگېردا دەرس ئۆتۈشكە ئەۋەتىلىپ، بۇ لاگېردا قورقۇنچلۇق ئىسكەنجىلەرگە شاھىت بولغانىدى.