فرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار ھېيتۋاجى بىلەن گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق كېلەر ئاي گېرمانىيەدە ئىككى ھەپتىلىك گۇۋاھلىق بېرىشى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، گېرمانىيە ئاخباراتىنى، سىياسىيونلىرىنى ۋە خەلقىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىدىكەن. «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىگى» نىڭ رەئىسى ئەسقەر جاننىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى بۇ پائالىيەت 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ميۇنخېندىن باشلىنىپ، 11-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
ئۇ 11-ئۆكتەبىر رادىيومىزغا بۇ پائالىيەتتە شاھىتلارنىڭ لاگېرلاردىكى قىيىن-قىستاق، خورلاشلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى، بۇ پائالىيەتنىڭ نىشانى گېرمانىيە ئاخباراتىغا، سىياسىيونلىرىغا، ئاممىۋىي تەكىلاتلىرىغا ۋە گېرمانىيە ئاممىسىغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيەت 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ميۇنخېندا ئاخبارات ئېلان قىلىش بىلەن باشلىنىپ، ئاۋگۇستبۇرگ، فرانكفۇرت، گۆتېنگېن، خانوۋېر، بېرلىن قاتارلىق 10 شەھەردە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئەسقەر جان «بۇ پائالىيەتنى گېرمانىيە خەلقى ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بېىشىدىن قانداق پاجىئەلەرنىڭ ئۆتكەنلىكى، قانداق قىيىن-قىستاققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىسۇن، دەپ باشلىدۇق» دېدى.
بۇ پاالىيەت خىتاي ھۆكۈمىتى لاگىردىكى ئۇيغۇرلارغا قىيىن-قىستاق، باسقۇنچىلىق، تۇغماس قىلىش، خورلاشنى ئۆز ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل غەيرى ئىنسانى مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى رەت قىلىپ، لاگىر شاھىتلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ھۆكۈمەت 11-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىغانلىقىنى رەت قىلغان.