ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان 6 نەپەر ئەزاسى دۆلەت مەجلىسىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار لايىھەسى سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان ۋەھشىي مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلغان، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە جىنايەتلەر ئۇستىدىن خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
قارار لايىھەسىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئامېرىكانىڭ ب د ت د ىكى باش ئەلچىسىنىڭ ب د ت باش كاتىپىنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خەلقلەرنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان شەخس ۋە ئاپپاراتلارنى تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىشى» نى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر قارار لايىھەسىنى تەييارلىغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن كرىس كۇنس 23-مارت ئېلان قىلغان باياناتىدا «بىز ئامېرىكا ۋە بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز، شېرىكلىرىمىزنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ئۈستىدىن ئىشەنچلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.
مەزكۇر قارار لايىھەسىنى سۇنغان يەنە بىر كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو، «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ بېكىتىپ توغرا قىلغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «ئەمدى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىش، بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خورلىغۇچىلارنى توختىتىش، جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە سوتلىشىنىڭ ۋاقتى كەلدى» دېگەن. بايدېن ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئالدىدا كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى 4 ئەمەلدارى ۋە بىر ئاپپاراتىنى جازالىغان.
