بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى ئۈرۈمچى داۋانچىڭدىكى 10 مىڭ كىشىلىك لاگېرنى زىيارەت قىلغان

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى داۋانچىڭدىكى 10 مىڭ كىشىلىك لاگېرنى زىيارەت قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 22-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ يىل ئاپرىل ئېيىدا بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان زىيارەتكە قاتنىشىپ، خىتاي ئۆزى «ئۈرۈمچى 3-نومۇرلۇق تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى» دەپ ئاتايدىغان لاگېرنى كۆرگەن.

مۇخبىرنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئۇلار بۇ ئورۇندا زىيارەت قىلغان كامىر بۇ زور قۇرۇلۇشنىڭ پەقەت بىر بۆلىكىدىكى 240 كامېرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ «تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى» خىتاي بويىچە، ھەتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى 220 ئىنگىلىز ئەكىر، يەنى 890 مىڭ 340 كۇۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ۋاتىكان شەھەر دۆلىتىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى مۇخبىرلارغا بۇ ئورۇندا قانچىلىك ئادەم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرمىگەن، بىراق مۇخبىرلار بۇ ئورۇننىڭ ئاز دېگەندە 10 مىڭ ئادەمنى سىغدۇرۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، خىتاي دائىرىلىرى زىيارەت جەريانىدا مۇخبىرلارغا بۇ ئورۇننىڭ خەلقئارا ئاخباراتلاردا دېيىلىۋاتقاندەك «تەربىيەلەش مەركىزى» ئەمەسلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن. ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ جوڭۋېي: «بىزنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىمىز بىلەن تەربىيىلەش مەركەزلىرى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق باغلىنىش يوق، بۇ يەردە ئەزەلدىن تەربىيەلەش ئورنى بولۇپ باقمىغان» دېگەن. ھالبۇكى، بۇ ئورۇننىڭ ئىلگىرى «ئۈرۈمچى كەسپىي ماھارەت ۋە تەربىيىلەش مەركىزى› دەپ ئاتالغىنىنى، قىسقىسى ئۇنىڭ لاگېرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپاتلار بار ئىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرلىرى ئۆزلىرى كۆرگەن بۇ مەنزىرىدىن مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: «بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاي يەنىلا زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ ۋە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ. سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەردىن 2019-يىلى داۋانچىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئۇزۇنلۇقى بىر ئىنگىلىز مىلىغا يېقىن كېلىدىغان يېڭى بىنالار قوشۇلغان.»

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتـتۈرگەنلىكتىن بۇ ئورۇنلار تاقالدى» دەپ تەشۋىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «ئاگېنتلىقىمىزنىڭ داۋانچېڭنى زىيارەت قىلىشى، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە سابىق مەھبۇسلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، گەرچە نۇرغۇن ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› ھەقىقەتەن تاقالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بەزىلىرى پەقەت تۈرمىگە ياكى سوتتىن بۇرۇنقى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن. سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇنداق نۇرغۇن يېڭى ئەسلىھەلەرمۇ سېلىنغان بولۇپ، داۋانچېڭدىكى 3-نومۇرلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن ئۆتكەن جايدا 85 ئىنگلىز موسى كېلىدىغان يەنە بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى بۇلارنىڭ بىرى.»

كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئىنسانشۇناس داررېن بايلېر بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىر «ساقچى دۆلىتىدىن ئېشىپ كەڭ كۆلەملىك قاماق جازاسى ئىجرا قىلىدىغان بىر سىستېمىغا ئۆتكەنلىكىنى، يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ نوپۇستىن غايىب بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.