2019-يىلى قىسقا مۇددەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرىدا يېتىپ، لاگېردىن چىققاندىن كېيىن ئامېرىكاغا قېچىپ كەلگەن بىر سابىق خىتاي لاگېر تۇتقۇنى، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا جازا لاگېرلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى ئاشكارىلىغان. ئۇ تاشقىي دۇنياغا چىقىپ، جازا لاگېرلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىلىكلەرنى ئاشكارىلىغان ساناقلىق خىتاي «شاھىت» لىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مەزگىل ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر سابىق خىتاي ساقچىسىمۇ، لوندوندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ۋەھشىلىكلەرنى ئاشكارىلاپ، گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.
ئامېرىكادىكى «كۆرۈش ۋاقتى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جياڭ يۈەن ئىسىملىك بۇ لاگېر تۇتقۇنى ئامېرىكادىكى فالۇنگوچىلارنىڭ «بۈيۈك ئېرا» گېزىتى ۋە «يېڭى تاڭلىقلار» تېلېۋىزىيە قانىلىدا، ئۆزىنىڭ 2019-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 35 كۈن ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرىدا يېتىش جەريانىدا كۆرگەن ۋە بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى ئاشكارىلىغان. 12 يېشىدا ئائىلىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈپ كەلگەن جياڭ يۈەننىڭ ئېيتىشىچە، «لاگېردىكىلەر ھايۋاندەك مۇئامىلىگە ئۇچرايدىكەن ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىكەن.»
كۆزەتكۈچىلەر، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ئۇيغۇر، قازاق لاگېر شاھىتلىرى ئاشكارىلىغان ئەھۋاللار بىلەن ئەينەن ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ لاگېرلاردا سادىر بولۇۋاتقان قورقۇنۇچلۇق جىنايەتلەرگە دائىر دەلىللەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جىياڭ يۈەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا ھازىرمۇ لاگېرلار قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، لاگېر قۇرۇلۇشى خىتاي سودىگەرلىرىگە ھۆددىگە بېرىلىدىكەن، ئەمما قۇرۇلۇشتا ئۇيغۇر ئىشچىلار ئىشلەپ، ئىش ھەققىنى ساقچىلار ئالىدىكەن. ئۇ لاگېردا ئاياللارغا مەجبۇرىي ھورمونلىق دورا ئىچۈرۈلۈپ، ھېيىزىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى، ھەممىسىنىڭ چېچى چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭدىن يالغان چاچ ياساپ خەلقئاراغا ئېكىسپورت قىلىنىدىغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى لاگېر ئىچىدىكى زاۋۇتتا ئىشلەيدىغانلىقى ۋە ھەر كۈنى تۇتقۇنلارنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش توغرىسىدا مېڭىسى يۇيۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.