«مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خاتىرە كۈنى» دە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا يېتىۋاتقانلار سۈرۈشتە قىلىندى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خاتىرە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەشكە چاقىردى. باياناتتا «نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ ئون پىرسەنتىدىن ئارتۇقىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان» لىقى، تۇتقۇنلارنىڭ قايسى لاگېرلاردا ئىكەنلىكى، قاچان قايتىپ چىقىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ساق ياكى كېسەللىكى قاتارلىق مەلۇماتلارنىڭ ئاشكارىلانمايۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «‹ئىنسانلارنى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشتە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› دە ‹مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر› گە ‹بىر كىشىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن ياكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياكى دۆلەت قوللايدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى، سولىنىشى ۋە ياكى ھەرقانداق شەكىلدە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىشىدۇر› دەپ تەبىر بېرىلگەن. بۇنىڭغا ئادەتتە يەنە تۇتقۇن قىلىنغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىش، ئۇلارنىڭ قانداق بىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن بولماسلىقتەك ئەھۋاللارمۇ ئەگىشىپ كېلىدۇ. بۇ ئىزاھات بويىچە قارىغاندا، لاگېرلاردىكى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر دەل زور كۆلەملىك مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ھەرىكىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردۇر.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زوراۋانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەشكە، قانۇنسىز ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مىليونلارچە تۇتقۇنلارنى قويۇۋېتىشكە، لاگېرنى تاقاش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇنىڭدا مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «يەر شارى ماگنېتسكى قانۇنى» بويىچە جازالاشنى تەلەپ قىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2010-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى 30-ئاۋغۇست كۈنىنى «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خاتىرە كۈنى» دەپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ كۈندە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ئىنسانلار خاتىرىلىنىدۇ.