ئانگېلا مېركېل بىلەن لى كېچياڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە سەنئەت ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆزلەشكەن

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ باياناتچىسى ستېفېن سېيبېرتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېركېل خانىم يەكشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق ۋە سەنئەت ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆزلەشكەن.

بىراق، ستېفېن سېيبېرت، سۆھبەتنىڭ كونكرېت قانداق تېمىلارغا چېتىلغانلىقى، مۇزاكىرىدە لى كېچياڭنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىگەن.

لى كېچياڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتى ياۋروپا-خىتاي سودا ئىختىلاپى قىزىپ، بريۇسسېل خىتاينى يانفون ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنى ياۋروپا بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىپ، ياۋروپا كارخانىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىندا خىتاي قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىغا 47% باج قويىدىغانلىقى، تېلېفون ئالاقە ئەسۋابلىرىغا باج قويۇشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

بىراق، ئانگېلا مېركېل يەكشەنبە كۈنى لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نوپۇزىنى قوللىنىپ، خىتاي ماللىرىغا جازالاش خاراكتېرلىك باج قويۇشنى توسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لى كېچياڭ دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىسلاھات ۋە چەتئەلگە ئېچىۋېتىش يولى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئادىل رىقابەت مۇھىتىغا ۋە ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىككى تەرەپ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆزلەشكەندىن سىرت يەنە، ئىران يادرو مەسىلىسى ۋە سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش توغرىلىقمۇ سۆزلەشكەن.