شى جىنپىڭ تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان سابىق خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 68 يېشىدا ئۆلگەن

2013-يىلدىن 2023-يىلغىچە خىتاي باش مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ۋە ۋەزىپە ئاتقۇرغان يىللىرىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سابىق خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، 27-ئۆكتەبىر تۇيۇقسىز ئۆلگەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 68 ياشلىق لى كېچياڭ 27-ئۆكتەبىر كېچىسى «بارلىق قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىقلىرى» غا قارىماي ھاياتىدىن ئايرىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لى كېچياڭنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. لى كىچياڭ ئىلگىرى خىتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىدۇ، دەپ قارىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئورۇننى خىتاينىڭ ھازىرقى رەھبىرى شى جىنپىڭ ئىگىلىگەنىدى.

لى كېچياڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان يىللاردا ئۇ ئاساسەن خىتاي ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. لى كېچياڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئىچىدە نىسبەتەن لىبېرال ئىدىيەدىكى شەخس، دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئۇ ۋەزىپە ئاتقۇرغان يىللىرىنىڭ كۆپ ۋاقىتلىرىدا، شى جىنپىڭ تەرىپىدىن يەكلەنگەن ۋە چەتكە قېقىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھاكىمىيەت مەركىزىنىڭ يادروسىدىكى شى جىنپىڭغا سادىق شەخسلەر توپىغا مەنسۇپ بولمىغان بىردىن-بىر ئەمەلدار بولۇپ قالغانىدى. خىتاي كومپارتىيەسى لى كېچياڭنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلگەنلىكىنى، ئۇنى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزۇن سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى» دەپ باھالىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ئۇنىڭ ئۆلۈمى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىگە قارىتا ھەر خىل گۇمان ۋە تالاش-تارتىشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

لى كېچياڭ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە ھەل قىلغۇچ ئۆزگىرىش بولۇپ، بىر قانچە مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر لاگېر-تۈرمىلەرگە قامالغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان، ئۇيغۇر ئاياللىرى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇشى شىددەتلىك تۆۋەنلەپ كەتكەن، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەن بىر ۋاقىتتا ۋەزىپە ئاتقۇرغانىدى. ب ب س نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، لى كېچياڭنىڭ ئۆلۈمى كومپارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى بىر مۆتىدىل ئاۋازنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.