ئامېرىكا خىتاينىڭ ليەنتوڭ (Unicom) شىركىتىنى جاسۇسلىق ئەندىشىسى تۈپەيلى چەكلىگەن

ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تېلېفون ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ليەنتوڭ (Unicom) شىركىتىنى جاسۇسلىق قىلىش ئەندىشىسى تۈپەيلى چەكلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ليەنتوڭ شىركىتى ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جاسۇسلىق قىلىش ئەندىشىسى بىلەن چەكلەنگەن يەنە بىر خىتاي تېلېفون شىركىتى بولۇپ قالدى.

ئامېرىكا فېدىراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىسسىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بىردەك ئاۋاز بېرىپ، ليەنتوڭ شىركىتىنىڭ ئامېرىكادىكى مەشغۇلات رۇخسىتىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان.

بۇنىڭدىن ئاۋۋال، يەنى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئامېرىكا فېدىراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىسسىيەسى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تېلېفون شىركىتى بولغان «خىتاي موبىل» شىركىتىنىڭ ئامېرىكادىكى مەشغۇلاتىنى چەكلىگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، «ليەنتوڭ» شىركىتى 60 كۈن ئىچىدە ئامېرىكادىكى تېلېفون مۇلازىمەت مەشغۇلاتىنى توختىتىشى كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكا فېدىراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىسسىيەسىنىڭ ئايال رەئىسى جېسسىكا روزېنۋورسېل بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىشىش تورىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە رېئال تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىغا ئائىت ناھايىتى كۆپ دەلىللەر ۋە كۈنسېرى كۈچىيىتۋاتقان ئەندىشىلەر بار،» دېگەن.

ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى تۈپەيلى خىتاي تېخنولوگىيە ۋە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىگە قارىتا تەقىبنى كۈچۈيتكەن. پرېزىدېنت بايدېن ئۆتكەن يىلى قانۇنغا ئىمزا قويۇپ، «بىخەتەرلىككە تەھدىت» دەپ قارالغان شىركەتلەرگە ئامېرىكادا مۇلازىمەت رۇخسىتى بېرىشنى مەنئىي قىلغان. بۇنىڭ بىلەن خۇاۋېي، جوڭشىڭ ۋە باشقا خىتاي خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىگە تەئەللۇق بولغان ئالاقە ئەسۋاپلىرىنىڭ ئامېرىكا تېلېفون ئالاقە تورىنى ئىشلىتىشى چەكلەنگەن ئىدى.