لىتۋا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

خىتاي لىتۋا پارلامېنت ئەزالىرىغا بىۋاستە بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، بىراق لىتۋا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لىتۋادىكى LRT تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ لىتۋادىكى ئەلچىخانىسى لىتۋا پارلامېنتىغا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش لايىھەسى سۇنغان پارلامېنت ئەزاسى دوۋېل ساكالېن بىلەن بۇ لايىھەنى قوللىغان باشقا پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يېزىپ بېسىم ئىشلەتكەن.

دوۋېل ساكالېن LRT تورىغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ «خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئىنتايىن كەسكىن، ئېنىق ۋە بېسم خاراكتېرلىك خەت تاپشۇرىۋالغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، لىتۋا پارلامېنتى 22-ئاپرىل شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ھەققىدە ئالاھىدە گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا مۇتەخەسىسسلەرنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقۇنلىرى لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلايدىكەن.

دوۋېل ساكالېن خىتاينىڭ بېسىمىغا تېز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىر قانچە دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرى ھەمكارلىشىپ، شۇ نەرسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بىزنى قورقۇتالمايدۇ. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نېگىزلىك قىممەت قارىشى. بىز بۇنى بىرلىكتە قوغدايمىز،» دىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «لىتۋانىڭ بەزى دۆلەتلەرگە قوشۇلۇپ، ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ بىر قىسىم ماددىلىرىغا چۈشىدىغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىشى ئېنىقكى خىتايغا تەسىر كۆرسەتكەن.»