لىتۋا پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى رەسمىي ھالدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دەپ بېكىتتى.
لىتۋا دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 20-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، لىتۋا پارلامېنتى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قارار ماقۇللاپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۆلەملىك، سىستېمىلىق بولغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر» ھەققىدىكى قانۇنىي تەكشۈرۈشنى تېزدىن باشلاشقا چاقىرىق قىلغان. قاراردا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، قانۇنسىز ئىچكىي ئەزالار سودىسىغا خاتىمە بېرىش، بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى دەرھال قويۇۋېتىش ھەمدە لاگېرلارنى تېزدىن تاقاشقا ئۈندىگەن.
لىتۋا پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارارى رەسمىي ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ئەلچىخانىسى تېزدىن بۇ قارارغا قارشى چىقىپ بۇنىڭ بىر مەيدان «ساختىلىق ۋە يالغان ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلغان يامان غەرەزلىك سىياسىي ئويۇن» بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا بۇ قارارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇقىملىق يارىتىش، تېرورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن «ئۇتۇقلىرى» غا قارا چاپلاش ئىكەنلىكىنى ھەمدە «قوپاللىق بىلەن باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لىتۋا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى دوۋېل ساكاليانا بۇ ھەقە سۆز قىلىپ: «بىز دېموكراتىيەنى ھېمايە قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ قارارنى ئالدۇق. چۈنكى بىز ئۆتمۈشتە كومۇنىستىك تۈزۈمنىڭ 50 يىللىق ئاسارىتىنى باشتىن كەچۈرگەن،» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارارنى رەسمىي ئېلان قىلغاندىن كېيىن كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى مۇشۇ خىلدىكى قارارلارنى ماقۇللىغان ئىدى. ئەمدى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لىتۋا پارلامېنتىنىڭمۇ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە رەسمىي قارار ئېلىشى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشقا قارشى دۇنياۋىي بىرلىكسەپنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى، دەپ قارالماقتا ئىكەن.