لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن لىتۋا پارلامېنتى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ» دەپ رەسمىي قارار ئالغانىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلانغان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك كرىزىس لىتۋا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇقلاشقاندىن كېيىن يەنە بىر بالداق ئۆرلىگەنىدى. بولۇپمۇ تەيۋەننىڭ لىتۋادا «ۋەكىللەر ئىشخانىسى» ئاچقانلىقى تۈپەيلىدىن 10-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ لىتۋادىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ كەتتى.

11-ئاۋغۇست كۈنى لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا تەيۋەن بىلەن بولغان مەنپەئەتدارلىق ئالاقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز» دېيىلىدۇ.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارادا كەسكىن تەنقىدلەندى. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «لىتۋا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى مىللىي غۇرۇر ۋە ئەركىنلىكنى قوغداشنىڭ تىپىك ئۈلگىسى» دېدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇنى تەنقىدلەپ «ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆز تاشقى سىياسىتىنى بېكىتىشى باشقىلارنىڭ مەجبۇرلىشىغا دۇچ كەلمەسلىكى لازىم» دېدى.